گوللاندىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماسكالارنىڭ سەھىيە ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

گوللاندىيە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە،  خىتايدىن ئىمپوت قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان 1 مىليون 300 مىڭ ماسكادىن  600 مىڭىنىڭ يېتەرلەك سەھىيە ئۆلچەملىرىگە ئىگە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن يىغىۋېلىنىشىنى قارار قىلدى.

1386995
گوللاندىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماسكالارنىڭ سەھىيە ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە دۆلەتلىك مېدىيا ئورگىنى (NOS) نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سەھىيە ، پاراۋانلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايدىن ماسكا ئىمپورت قىلىشنى توختىتىپ،  تارقىتىلغان ماسكىلارنىڭ 600 مىڭىنىڭ دەرھال يىغىشۋىلىنىشىنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماسكىلارنىڭ قوشۇمچە سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ تارقېتىلغان ماسكىلاردىن گۇمانلانغانلىقى سەۋەبىدىن  گوللاندىيە قوللىنىشچان ئىلمىي تەتقىقات تەشكىلاتى (TNO) غا ماسكالارنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى ۋە نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ بۇ ماسكالارنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلۇپ، «گوللاندىيە قوللىنىشچان ئىلمىي تەتقىقات تەشكىلاتى (TNO ) خىتاي ماسكىلىرىنىڭ كېرەكلىك بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ نەپەس يولىدىن ئۆتىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بايقىدى» دېيىلدى.

باياناتتا بۇ ناچار ماسكىلارنىڭ  ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلىقى ۋە  بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كونا ماسكىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر