غەرب ئەللىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى تۆۋەندىكىچە:

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) غەرب دۇنياسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1387135
غەرب ئەللىرىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى جېنىغا زامىن بولغانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدىلا 88 ئادەم قازا قىلدى. ئىتالىيەدە  ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى  10 مىڭ  233  كە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 92 مىڭ 472 گە يەتتى. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كارانتىناغا ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلىدىكەن.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇسېپپې كونتې كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشتا كومۇنالار ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىتالىيە مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى پىئېرپاۋلو سىلىرى 7 كۈندىن10 كۈنگىچە بولغان جەرياندا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6 مىڭ 528 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 235 كە چىقتى.

فرانسىيەدە كوۋىد -19 دىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 314 كە يەتتى. 37 مىڭ 575 دېلو ئىچىدە، ئېغىر كېسەللىكلەر قاتارىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 4273 گە ئۆرلىدى. ساقايغانلارنىڭ سانى بولسا، 6 مىڭ 624 كە يەتتى. باش مىنىستىر ئېدوۋارد فىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، «كۈرەش تېخى ئەمدىلا باشلاندى، ئاپرېلنىڭ ئالدىنقى 15 كۈنى ئۆتكەن 15 كۈندىن قىيىن بولىدۇ» دېدى.

فىلىپ ۋىرۇسنىڭ دۆلەتتە تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر 3-4 كۈندە ئىككى ھەسسە ئېشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سىرتىدىكى تىببىي فاكۇلتېتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن دوختۇرلارغىمۇ ئىلتىجادا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيېر ۋېران بولسا، سەھىيە خادىملىرىنىڭ ماسكا كەمچىل بولغاچقا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتكەنلىكىنى ۋە بىر مىلياردتىن ئارتۇق ماسكا زاكاز قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 433 ئادەم قازا قىلدى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 57 مىڭ 695 كە ئۆرلىدى.

گوللاندىيەدە ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 132 كىشى ئېشىپ، 771 گە يەتتى. دېلو سانى 10 مىڭ 866 غا چىقتى. گوللاندىيەدە 27 - فېۋرالدىن بۇيان ۋىرۇس سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 14 تۈركنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن كوۋىد -19 كرىزىسىنىڭ باشلانغۇچىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بېشىمچى ھەرىكىتى تۈپەيلى ئىتتىپاقنىڭ «بوشلۇقتا» قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  ئىتتىپاقنىڭ بۇ كرىزىستا «ئۆزىنى قايتا بايقاش پۇرسىتى» بارلىقىنى ئېيتتى. ۋون دېر لېيېن گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (DPA) غا بەرگەن باياناتىدا، ئىتتىپاق ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، 209 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ  ئومۇمىي سانى 1228 كىشىگە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 89 كىشىگە يەتتى.

ئامېرىكادا 24 سائەت ئىچىدە 480 ئادەم قازا قىلىپ، جەمىئىي 2 مىڭ 191 كىشىگە يەتتى. 123 مىڭ 776  كىشى يۇقۇملاندى.  پرېزىدېنت دونالد ترامپ يېڭى تىپتىكى خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى  تەدبىرلەر دائىرىسىدە،  ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلگەن نيۇ-يورك ، يېڭى جېرسىي ۋە كوننېكتىكات ئىشتاتلىرىنى مەجبۇرىي كارانتىناغا ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ 3 ئىشتاتتا ياشاۋاتقانلارنىڭ مەجبۇرىي بولمىغان دۆلەت ئىچى ساياھىتىدىن 14 كۈن ساقلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. ئامېرىكانىڭ لوس ئانجېلېس شىھىرىدە كوۋىد -19 نىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغان، بىراق «سەھىيە سۇغۇرتاسى يوق» دېگەن سەۋەب بىلەن بالنېستقا ئېلىنمىغان بىر ئۆسمۈر قازا قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نيۇ-يوركتىكى سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە 250 مىڭ ماسكا ياردەم قىلىدىغان بولدى.

بۇ ئارىلىقتا، نيۇ-يوركتا 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان 2020 - يىللىق ئمۇددەتتىن بۇرۇنقى پرېزىدېنتلىق سايلىمى تارقىلىشچان ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 6-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدونىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ۋىرۇس بايقالغان ئايالى ساقىيىپ چىقتى. سوفىيە گېرېگور ترۇدو ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ئۆزىنى ئىنتايىن ياخشى  ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمبەھىرلەشتى. كانادادا كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 60 ئادەم قازا قىلىپ، 5655 كىشى يۇقۇملاندى ۋە  508 يۇقۇملانغۇچى ساقايدى.

يېڭى زېلاندىيە ۋە ئۇرۇگۋايدا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەدىن  تۇنجى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

ئاۋىستىرالىيەدە تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن 16 ئادەم قازا قىلدى. كوۋىد -19 بېمارلىرىنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە نازارەت سىستېمىسى بىلەن داۋالىنىشىنى ئۈچۈن مەخسۇس سىناق تۈرى ھازىرلىقى پىلانلاندى. يەرلىك «The Age» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئېلېكترونلۇق دوختۇرخانا» دەپ نام بېرىلگەن لايىھە ئارقىلىق ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىشتىن باشقا يەنە، كوۋىد -19 بېمارلىرىمۇ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە سىستېما بىلەن كۆزىتىلىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن ، بېلگىيەدە 353، شىۋېيېتسارىيەدە 264، بىرازىلىيەدە 114، شىۋىتسىيەدە 105، پورتۇگالىيەدە 100، ئاۋىستىرىيەدە 68، فىلىپپىندا 68، دانىيەدە 65، كانادادا 60، رۇمىنىيەدە 37، ئېرلاندىيەدە 36، گىرېتسىيەدە 32، نورۋېگىيەدە 23، ئارگېنتىنادا 19، پولشادا 18، لىيۇكسېمبۇرگدا 18، پېرۇدا 16، مېكسىكىدا 16، ۋېنگرىيە 13، سېربىيە 10، ئالبانىيەدە 10، سىلوۋېنىيەدە 9، لىتۋادا 7، بۇلغارىيەدە 7، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا 6، كىرودىيەدە 5، شىمالىي ماكېدونىيەدە 4 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر