«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غەرب ئەللىرىگە تەھدىت سالماقتا

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غەرب ئەللىرىدە كۈندىلىك ھاياتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.

1381070
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غەرب ئەللىرىگە تەھدىت سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەرب ئەللىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى بارسانسېرى كۆپەيمەكتە

ياۋروپا قىتئەسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى » بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئىتالىيەدە  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېڭى 475 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ 2978 گە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 35 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 274 كە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىڭدىن ئاشتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، خەلقنى ھەمكارلىشىشقا ۋە ئىنتىزامچان بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىر مەزگىل كۈچكە ئىگە بولىدىغان بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىڭلار.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئوخشىمىغان يول تۇتۇپ  «ئىجتىمائىي ئىممۇنىتېت» ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا  قويغان ئەنگلىيە بولسا، بۇ ئىستىراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمىدى، يېڭى بىر قارارنامە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، بارلىق مەكتەپلەرنى تاقاشنى قارارلاشتۇردى. دۆلەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا تاقىلىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان، ياكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق   ئىشقا كىرىشتۈرگەنىدى. ئەنگلىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىر تۈرك بىلەن قوشقاندا 104 كە يەتتى.

گىرېتسىيەدە بىر ئەسكەرنىڭمۇ  يۇقۇملىنىشىدىن كېيىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى ستېۋو پېنداروۋسكى، دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 35 كە يەتكەن دۆلەتتە، كەڭ خەلق ئاممىسى كانايلار ئارقىلىق ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىققا چاقىرىلماقتا.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 115 كە يەتكەن، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، پىرېزىدېنت ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كانادا – ئامېرىكا چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆزئارا قوشۇلۇش دائىرىسىدە، كانادا بىلەن بولغان شىمالىي چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى زۆرۈر بولمىغان ئۆتۈشلەرگە ۋاقىتلىق تاقايمىز. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.»

كانادادا بولسا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 8 گە يەتتى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقان باش مىنىستىر جاستىن ترۇدو، بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئۈچىنچى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، كانادالىقلارغا كىرىم ياردىمى ، مائاش تولۇقلىمىسى ۋە باجنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق 82 مىليارد دوللارلىق ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى. دۆلەتتە قىسمەن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

كۇبادا 61 ياشلىق بىر بىمار يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 7 گە يەتتى.

كوستارىكادا ««ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن بىر ئادەم قازا قىلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 93 كە يەتكەن ۋە نوپۇسى 48 مىليوندىن ئاشقان كولومبىيەدە  جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان پىل چىشى قىرغىقىدىمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

 

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن، يېڭى زېلاندىيە پۇقرالىرى ۋە مەڭگۈلۈك تۇرۇش كىنىشكىسى بارلارنىڭ سىرتدىكى بارلىق زىيارەتچىلەرگە بۈگۈن يېرىم كېچىدىن باشلاپ چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ئاۋىستىرالىيە دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى Qantas ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى Jetstar مارتنىڭ ئاخىرىدىن ماينىڭ ئاخىرىغىچە خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر