غەرب ئەللىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

ياۋروپا قىتئەسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى » بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئىتالىيەدە  جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يېڭى 475 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ 2978 گە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 35 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

1380959
غەرب ئەللىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 274 كە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىڭدىن ئاشتى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، خەلقنى ھەمكارلىشىشقا ۋە ئىنتىزامچان بولۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىر مەزگىل كۈچكە ئىگە بولىدىغان بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىڭلار.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ئوخشىمىغان يول تۇتۇپ  «ئىجتىمائىي ئىممۇنىتېت» ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا  قويغان ئەنگلىيە بولسا، بۇ ئىستىراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمىدى، يېڭى بىر قارارنامە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، بارلىق مەكتەپلەرنى تاقاشنى قارارلاشتۇردى. دۆلەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا تاقىلىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان، ياكى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق   ئىشقا كىرىشتۈرگەنىدى. ئەنگلىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىر تۈرك بىلەن قوشقاندا 104 كە يەتتى.

گىرېتسىيەدە بىر ئەسكەرنىڭمۇ  يۇقۇملىنىشىدىن كېيىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي ماكېدونىيە پىرېزىدېنتى ستېۋو پېنداروۋسكى، دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 35 كە يەتكەن دۆلەتتە، كەڭ خەلق ئاممىسى كانايلار ئارقىلىق ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىققا چاقىرىلماقتا.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 115 كە يەتكەن، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، پىرېزىدېنت ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كانادا – ئامېرىكا چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆزئارا قوشۇلۇش دائىرىسىدە، كانادا بىلەن بولغان شىمالىي چېگرا ئېغىزلىرىمىزنى زۆرۈر بولمىغان ئۆتۈشلەرگە ۋاقىتلىق تاقايمىز. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.»

كانادادا بولسا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 8 گە يەتتى. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقان باش مىنىستىر جاستىن ترېدۇ، بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئۈچىنچى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، كانادالىقلارغا كىرىم ياردىمى ، مائاش تولۇقلىمىسى ۋە باجنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق 82 مىليارد دوللارلىق ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلدى.

كۇبادا 61 ياشلىق بىر بىمار «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلدى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 7 گە يەتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 93 كە يەتكەن ۋە نوپۇسى 48 مىليوندىن ئاشقان كولومبىيەدە  جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر