ئامېرىكا ئىدلىب مەسىلىسىدە تۈركىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، سۈرىينىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1380095
ئامېرىكا ئىدلىب مەسىلىسىدە تۈركىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، سۈرىينىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇ يەردىكى بومباردىمانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئونلارچە تۈرك ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

مايك پومپېيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

روسىيە بىلەن ئىران قوللاۋاتقان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تەخمىنەن بىر مىليون كىشىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن پومپېيو، سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسى چارە تېپىش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ، ئىدلىبنىڭ ئۇل – ئەسلىھەلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىنىڭ قوربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئونلارچە تۈرك ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز. بىز تۈركىيەگە قوشۇمچە ياردەم قىلىشنى ئويلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر