ئافغانىستاندا تالىبان ئۇنسۇرلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ۋىلايىتىدە، ھەربىي ماشىنا ئەترىتىگە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 2 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1380583
ئافغانىستاندا تالىبان ئۇنسۇرلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلخ ۋىلايەتلىك شورا (كېڭەش) باشلىقى مۇھەممەد ئافزال ھادىد ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بەلخ – جۇزدان چوڭ يولىدا كېتىۋاتقان ھەربىي ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ئافزال ھادىد ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ۋە بىر پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھۇجۇمدىن كېيىنكى توقۇنۇشتا تالىباننىڭمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان تەرەپتىن بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر