رۇسىيەدە ئاپرېلدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 2024 – يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايتىدىن نامزات بولۇشىنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1380099
رۇسىيەدە ئاپرېلدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، 2024 – يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايتىدىن نامزات بولۇشىنىڭ يولىنى ئېچىشنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانى ئۈچۈن 22 – ئاپرېلدا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

روسىيە پرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى - كرېمىل سارىيىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ۋىلادىمىر پۇتىن، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى 22 – ئاپرېلدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىدىغان ئاممىدىن «سىز روسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى قوللامسىز؟» دەپ سورىلىدىكەن. ئەگەر بو سوئالغا «قوللايمەن» دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى % 50 تىن يۇقۇرى بولسا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھىسى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن ۋە يۇقىرى قاناتلىرى، شۇنداقلا فېدېراتسىيە رايونلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ماقۇللانغانىدى.

پۇتىن، بۇرۇنقى ئىككى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يوققا چىقىرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھىسىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈچىنچى قېتىم پىرېزىدېنت بولۇشقا قويغان چەكلىمىسىگە قارىماي، يەنە بىر قېتىم پرېزىدېنت كاندىداتى بولالايدۇ. 2024 - يىلدىكى سايلامدا كاندىدات بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان مەزكۇر قانۇننىڭ سايىسىدا، پۇتىننىڭ 2036- يىلىغىچە پرېزىدېنتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر