ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېناسى سىناق قىلىندى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسېناسىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا سىناق قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1379672
ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېناسى سىناق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك سەزگۈر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى(NIAID)  ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېناسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋاكسېنا، ۋاشىنگتوندىكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا، جېننىفېر ھاللېر(Jennifer Haller) ئىسىملىك 43 ياشلىق ئايال پېدائىي ئۈستىدە سىناق قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تەخمىنەن ئالتە ھەپتە داۋاملىشىدىغان تىببىي سىناق 18 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان 45 ساغلام پېدائىي ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىناققا تۇنجى بولۇپ قاتناشقان كىشىگە ۋاكسېنا ئۇرۇلدى.»

قەيت قىلىنىشىچە، پىدائېيلار ۋاكسېنانىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى-يامان ۋە بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان باسقۇچلاردىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكالىق مەسئۇللار ئەگەر ھەممە ئىش پىلاندىكىدەك ئىلگىرىلىسە، ۋاكسېنانىڭ 1 يىلدىن 1 يېرىم يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەييار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاكسېنا ئامېرىكا دۆلەتلىك سەزگۈر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى ۋە بىيوتېخنولوگىيە شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالدى.ۋاباغا قارشى تەييارلىق فوندى (CEPI)  سىناق قىلىش ئۈچۈن فوند ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر