سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە ئاز دېگەندىمۇ 20 شاھزادە قولغا ئېلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەنە ئاز دېگەندىمۇ 20 شاھزادەنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1374007
سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە ئاز دېگەندىمۇ 20 شاھزادە قولغا ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆزى «Middle East Eye» ناملىق خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇل ئەزىزنىڭ ئىنىسى ئەھمەد بىن ئابدۇلئەزىز (شاھزادە ئەھمەد) قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھ جەمەتىنىڭ يەنە ئاز دېگەندىمۇ 20 ئەزاسى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا قارشى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قۇزغىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە شاھزادە ئەھمەدنىڭ ئوغلى شاھزادە نايېف بىن ئەھمەد بىن ئابدۇلئەزىز، سابىق تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن نايېف ۋە ئۇنىڭ ئۆگەي ئىنىسى ناۋافنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بۇيرۇق بېرىپ، قولغا ئالدۇرغان شاھزادىلەرنى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قۇزغاش ئۈچۈن بەزى ئامېرىكىلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل كۈچلىرى بىلەن كۆرۈشۈش بىلەن ئەيىبلىگەن.

تۇتۇش بۇيرۇقىدا، پادىشاھ سالماننىڭمۇ ئىمزاسى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر