گېرمانىيەدە نەچچە مىڭلىغان نامايىشچى پاناھلانغۇچىلارغا چېگرالارنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيەدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرالىرىنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا ئېچىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1374050
گېرمانىيەدە نەچچە مىڭلىغان نامايىشچى پاناھلانغۇچىلارغا چېگرالارنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېرلىندىكى «سېبرۇك تەشەببۇسى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، مىڭلىغان كىشى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى.

نامايىشچىلار ئاندىن باش مىنىستىرلىق بىناسىدىن ئۆتۈپ، ئانتېر دېن لىندېن ۋە فرېدرىچىسستراس كوچىلىرى ئارقىلىق ھاللېچېس ئۇفېر كوچىسىغىچە يۈرۈش قىلدى.

نامايىش جەريانىدىكى نۇتۇقلاردا، گىرېتسىيەدە كۈتۈۋاتقان پاناھلانغۇچىلار تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققەتنى تارتتى.

بىر نامايىشچى ئۆز نۇتىقىدا، گېرمانىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، «بىز گىرېتسىيە چېگرالىرىدا سۇغا غەرق بولۇۋاتقان، خورلىنىشقا ئۇچراۋاتقان، قىيىن - قىستاققا ئېلىنىۋاتقان ۋە ھازىر ئۆلتۈرۈلۈشكە باشلانغان پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن گېرمانىيەدە جاي بارلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

«سېبرۇك تەشەببۇسى» تەشكىلاتى نامايىشقا 4000 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن چېگرالىرىنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا بولسا، 5000 كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر