ماركو رۇبىئو ئالاقىدار تەرەپلەرنى تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر قانىتىنىڭ پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ تۈركىيەگە ھاۋا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1372781
ماركو رۇبىئو ئالاقىدار تەرەپلەرنى تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر قانىتى پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ تۈركىيەگە ھاۋا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتە شۇنداقلا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو تىۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، روسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «رۇسىيە، ئىدلىبتىكى تۈركىيە كۈزىتىش نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ئەسەد كۈچلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەك. ناتو، تۈركىيەگە ھاۋادىن ياردەم قىلىشى، ئۇنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى، شۇنداقلا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىشى كېرەك» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتچى قانات ئەزاسى براندون بويلې بىلەن جۇمھۇرىيەتچى قانات پالاتا ئەزاسى ئادام كىنزىنگېرمۇ ئامېرىكا فوكىس خەۋەرلەر قانىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوخشاش مەزمۇندا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، روسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراخام ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «دۇنيا ھېچ ئىش قىلماستىن ئىدلىبنىڭ بەششار ئەسەد ، ئىران ۋە روسىيە تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىنى تاماشا قىلماقتا» دېگەنىدى.

ئۇ باياناتىدا، «ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئەر - ئاياللار ۋە بالىلارنى بۇ قورقۇنچلۇق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىدلىبتا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىدىغان پەيتى كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر