ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بىر ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى روسىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئۇكرائىنانىڭ بىر ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.

1372029
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بىر ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم بىرلەشمە ھەرىكەت مەركىزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دونباس رايونىدىكى روسىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ مىنسىك كېلىشىمى ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە تەرەپنىڭ تۈنۈگۈن 7 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «دۈشمەن ھۇجۇملىرىدا بىر ئۇكرائىنا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى، 4 ى يارىلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس رايونىدا ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 2014 – يىلىدىن بۇيان توقۇنۇشلار داۋام قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر