ئىراندىكى نامايىشلاردا كەم دېگەندىمۇ 23 كىچىك بالا ئۆلتۈرۈلدى

ئىراندا نويابىردا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا كەم دېگەندىمۇ 23 كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

1371908
ئىراندىكى نامايىشلاردا كەم دېگەندىمۇ 23 كىچىك بالا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2019 - يىلى نويابىردا ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندىمۇ 23 كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 22 نەپىرى ئىران بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

دوكلاتتا، بۇ بالىلاردىن بىرسىنىڭ 8 - 12 ياش ئەتراپىدىكى قىز ئىكەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ بولسا، 12 -17 ياش ئەتراپىدىكى ئوغۇللار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا تەتقىقات ۋە مۇداپىئە دېرىكتورى فىلىپ لۇتېر، «بۇ قاتىللىقلارغا قارىتا مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ھەمدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئىجرا قىلغانلارنىڭ چوقۇم ئادىل سوتلىنىشى لازىم» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىنىڭمۇ تەسىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىراندا، 2019 - يىلى 15 - نويابىردا بېنزىن باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ۋە نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

تەخمىنەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان نامايىشتا، ھۆكۈمەت بىنالىرى، بانكىلار، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ۋە بازارلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، تەخمىنەن 7000 نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى نامايىشتا كەم دېگەندە 304 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران ئەمەلدارلىرى بولسا، بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر