تۈنۈگۈن ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە كۆرۈلدى

ئىتالىيەدە 18 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid -19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 52 گە چىقتى.

1370571
تۈنۈگۈن ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە 21-فېۋرال (2020) ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى تېز سۈرئەتتە تارقىلىشقا ۋە جانغا زامىن بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن (2-مارت) ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن كۈن بولدى.

خەلق مۇداپىئە باش مۇدىرى ئانگېلو بوررېللى (Angelo Borrelli) پايتەخت رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 8351گە، جېنىدىن ئايرىلغانلار ساننىڭ 52 گە چىققانلىقىنى، داۋالىنىپ ياخشىلانغانلار سانىنىڭ 149 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىچكى بازار ئىشلىرىغا مەسئۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى جىغى بىغۇتۇن (Thierry Breton) فىرانسىيەنىڭ «BFMTV» قانىلىدا: «ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەر شارى ئىقتىسادىدا كۆرۈنەرلىك سەۋىيەدە ئاستىلاش بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ساياھەتچىلىكتە تارتقان زىيىنى ئايلىقى 1 مىليارد ياۋروغا يەتتى» دېدى.

فىرانسىيىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 3 گە يەتتى؛  20 - 23 - مارت كۈنلىرى پايتەخت پارىژدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پارىژ كىتاب يەرمەنكىسىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 175 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگىتون شىتاتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6 گە كۆپەيدى ، ئامېرىكا مىقياسىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلار سانى 87 گە يەتتى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر