پۇتىن: ھېچكىشىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغىنىمىز يوق

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، روسىيەنىڭ ھېچكىشىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلمايۋاتقانلىقىنى، بىراق ھېچكىشىنىڭ خىيالىغا ئۇرۇش كەلمەسلىكى ئۇچۇن كېرەكلىك شارائىت يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1369906
پۇتىن: ھېچكىشىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغىنىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ قورال ئىشلەپچىقىرىشى توغرىسىدا (TASS) ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پۇتىن: «بىز ھېچكىم بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلمايۋاتىمىز، ھېچكىشىنىڭ خىيالىغا ئۇرۇش كەلمەسلىكى ئۇچۇن كېرەكلىك شارائىت يارىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

پۇتىن روسىيەنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئامېرىكا قورال مەسىلىسىسدە بىزگە يېتىشىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، بۇ تارىختا ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر ئىش» دېدى.

پۇتىن 2010 - يىلى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يېڭى ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ يېڭىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن يەنە ئىستراتېگىيەلىك ساھەدىكى تەڭپۇڭلۇقنىمۇ ساقلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر