خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭ 800 دىن ئېشىپ كەتتى

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 838 گە يەتتى.

1369088
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭ 800 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت  ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 47 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 427 گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، پايتەخت بېيجىڭدىكى بىر، خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئىككى كىشىنى قوشقاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنكەرنىڭ سانى  2 مىڭ 838 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 79 مىڭ 251 گە يەتكەن. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان دەپ قارىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 1418 گە، نازارەت ئاستىد اتۇتۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى 58 مىڭ 233 كە يەتكەن،  39 مىڭ 2  كىشى ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەندىن كېيىن بالنىستىن چىققان.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12 – دېكابىر كۈنى  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر