ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەج قىلىشنىڭ چەكلىنىشىگە سەۋەب بولارمۇ؟

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئۆمرە ۋە مەسجىدى نەبەۋى زىيارەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1367297
ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەج قىلىشنىڭ چەكلىنىشىگە سەۋەب بولارمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە س پ ئا (SPA) ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن باياناتتا: «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆمرە ۋە مەسجىدى نەبەۋى زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىش، بولۇپمۇ ۋىرۇس خەتەرلىك ھالغا كەلگەن دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ساياھەتكە كېلىش، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ تاموژنىدىن كىرىش-چىقىشتا كىملىك كارتىسىنى كۆرسىتىش ۋاقىتلىق توختىتىلدى» دېيىلدى.

پاكىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى ۋەقە كۆرۈلدى.

پاكىستان سەھىيە مىنىستىرى زافەر مىرزا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، تەخمىنەن 200 مىليونلۇق دۆلەتتە ئىككى كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇۋەيتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مارت ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەپتىسىدە مەكتەپلەرنىڭ قويۇۋېتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تارىك ئەلمەزرام مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، بارلىق مەكتەپلەرنى 1-مارتتىن باشلاپ ئىككى ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىش ھەققىدە قارار چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇۋەيت سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىرانغا ساياھەتكە بارغانلار بىلەن ئۇچراشقان بىر كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 26 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۇۋەيت ئىراندىن تەخمىنەن 800 پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

لىۋاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئىككىگە چىقتى. لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى 2020-يىلى 20فېۋرالدا ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ بىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھلىقى ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىتالىيەدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئۇممان-رىم سەپەرلىرىنى توختاتتى.

بەھرەين ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق ئىراق-لىۋان ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بەھرەين سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 26 گە چىققانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپلەرنى 10 كۈن قويۇۋەتتى.

ئىراق كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش تورىنىڭ يازما باياناتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۇنىۋېرستېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ 10 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، قەھۋەخانا، چايخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى 28-فېۋرالدىن 7-مارتقىچە تاقاشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىراقلىقلارنىڭ خىتاي، ئىران، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تايلاند، سىنگاپور، ئىتالىيە، كۇۋەيت ۋە بەھرەينگە بېرىشى چەكلەندى. دىپلوماتىك ھەيئەتلەرنىڭ بۇ چەكلىمىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، بەھرەين بىلەن كۇۋەيتتىن ئىراققا كىرىش چەكلەنگەن.

ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى 25-فېۋرال كەركۈكتە ئىراندىن قايتىپ كەلگەن بىر ئائىلىدىكى تۆت كىشىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

گىرۇزىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.

گىرۇزىيە ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىكى مۇساپىرلار، خىزمەت، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىر ئېكاتېرىن تىكارادزې (rine Tikaradze)، دۆلىتىدە ئىراندىن ئەزەربەيجان ئارقىلىق گىرۇزىيەگە كەلگەن بىر كىشىدە، ۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ چېگرا ئېغىزىدا كەزكۇر كىشىنى كونترول قىلغان خادىملارنىڭمۇ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتايدا 2746، ئىراندا 19، ئىتالىيەدە 12 ۋە جەنۇبىي كورېيەدە 11 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر