رۇھانى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئارقىلىق ۋەھىمە پەيدا قىلىش «دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ۋەھىمە پەيدا قىلىشنىڭ «دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1367001
رۇھانى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئارقىلىق ۋەھىمە پەيدا قىلىش «دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى پايتەخت تېھراندىكى «دۆلەتلىك <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ ئالدىنى ئېلىش  مەركىزى» يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى كۈنلەردە دوختۇرخانىلارغا مۇراجىئەت قىلغانلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، لېكىن كېيىنچە بۇ رەقەم ئازايدى، داۋالاپ ساقايتىلغانلارنىڭ سانى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە  كۆپەيدى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئورۇنلار ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى قاتتىق كۈچەيتىشى كېرەك،  جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە دۆلەتنى تاقاق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇش <دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى> دۇر. شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشۈشكە باشلايدۇ.»

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 15 كە، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 95 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ستەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 19 غا، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 139 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر