رۇھانى: ۋىرۇس بىر چاقىرىلمىغان مېھمانغا ئوخشاشلا كەلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، دۆلىتىدە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى – كوۋىد-19) نى «چاقىرىلمىغان مېھمان» غا ئوخشاتتى.

1366248
رۇھانى: ۋىرۇس بىر چاقىرىلمىغان مېھمانغا ئوخشاشلا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھران بىلەن دۆلەتنىڭ شىمالىي ئارىسىدا ئېلىنغان تاش يولنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىكى سۆزى جەريانىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، خەلقنىڭ خەۋپسىرەپ كەتمەسلىكىنى، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قاراپ يول تۇتۇشلىرىنى تەلەپ قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ب تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكامدىن خەتەرلىك ئەمەس. بىز ئۇنى يەڭدۇق، كورونانىمۇ يېڭىمىز. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىر چاقىرىلمىغان مېھمان مىسالى كېلىپ بارلىق دۆلەتلەرگە تارقالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر