ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 12 گە يەتتى
ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى – كوۋىد-19 (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى) دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى12 گە يەتتى.
1365212
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى – كوۋىد-19 (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى) دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 12 گە، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 47 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەھىيە مىنىستىرى سەئىد نەمەكى، كوۋىد-19 ۋىرۇسى توغرىسىدا ئىران پارلامېنتىغا دوكلات سۇنغان بولۇپ، دوكلاتتا، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 12، يۇقۇملانغانلىقىغا رەسمىي دىياگنوز قويۇلغانلار سانىنىڭ 47 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.