شىمالىي كورېيە چەت ئەل دىپلوماتلىرىنى كارانتىن قىلدى

يېڭى زېلاندىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى خىتايغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى يەنە سەككىز كۈن ئۇزاتتى.

1365394
شىمالىي كورېيە چەت ئەل دىپلوماتلىرىنى كارانتىن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) خىتايدىن كەلگەن چەت ئەللىكلەرگە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە تۈنۈگۈن (23-فېۋرال) كېچە ئاخىرلىشىدىغان 14 كۈنلۈك ساياھەت چەكلىمىسىنى يەنە سەككىز كۈن ئۇزارتلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يېڭى زېلاندىيە پۇقرالىرى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بولغانلارنىڭ 14 كۈن كارانتىن قىلىنىش شەرتى بىلەن قايتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساياھەت چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ھەر 48 سائەتتە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي كورېيە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تېز تارقىلىشى سەۋەبىدىن 380 چەت ئەللىكنى كارانتىن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، كارانتىن قىلىنغان چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى پايتەخت پىيوڭياڭدا ياشايدىغان دىپلوماتلار تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر