ب د ت تۈركىيەدىن سۈرىيە چېگرالىرىنى ئوچۇق تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيەدىن سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلىۋاتقان ئىككى چېگرا ئېغىزىنى ئوچۇق تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.

1364379
ب د ت تۈركىيەدىن سۈرىيە چېگرالىرىنى ئوچۇق تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك، رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمى بىلەن ئىدلىبتىكى بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىس ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدە ئۇدا 9 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش جەريانىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ھاياتىمدا سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ئەھۋالنى ھېچ كۆرۈپ باققان ئەمەس. ئىدلىبتا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 900 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مىليون كىشىگە تۈركىيەنىڭ «بابۇسسەلامە ۋە بابۇلھەۋا) چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى. تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ چېگرا ئېغىزلىرىنى ئوچۇق تۇتۇش مەسىلىسىدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. تۈركىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان قېچىپ كەلگەن 3 يېرىم مىليون سۈرىيەلىكنى باغرىغا بېسىش مەسىلىسىدە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە سېخىلىق قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەگە پۇل – مۇئامىلە ۋە باشقا ياردەملەر جەھەتتىن تۈركىيەنى قوللاشتا تېخىمۇ ئاقىلانە ئىش قىلىشى مۇمكىن ئىدى. رۇسىيە، تۈركىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش ۋە كىرىزىسكە سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر