دائېش كەركۈكنىڭ چاقماغا يېزىسىدا 4 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئىراقنىڭ كەركۈك ۋىلايىتى تاغلىق رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىپ 4 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1362580
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى ئەلى كەمال، دائېش تېررورچىلىرىنىڭ كەركۈكنىڭ دىبىس ناھىيەسىگە قاراشلىق چاقماغا يېزىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمدا 4 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلى كەمال، تېررورچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.