ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبكە قىلغان ھۇجۇمىدا ئېغىر يوقۇتۇشقا دۇچار بولدى

سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئۆكتىچىلىرى ۋە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئورتاق ھەرىكەتلىرى بىلەن يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئىدلىب يىرىكچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا يۈزلىگەن ئەسەد ئەسكىرىنى ئۇجۇقت

1360365
ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبكە قىلغان ھۇجۇمىدا ئېغىر يوقۇتۇشقا دۇچار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە ئىران قوللاۋاتقان چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن سۈرىيە ھەربىي ئۆكتىچىلىرى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا، ئىدلىبنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبى شۇنداقلا ھەلەبنىڭ غەربىدە بىر ئايدىن بۇيان قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.

تۇقۇنۇشلار ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراەلىق كۈچلەرنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ئەسەد قىسىملىرى چوڭ يوقۇتۇشلارغا  دۇچار بولدى.

ئۆكتىچىلەر مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى. ئايروپىلانلاردىن بىرسى ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدا يەنە بىرسى ھەلەبنىڭ غەربىي تەرىپىدە چۈشۈۈرىۋىتىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ دەسلەپكى 2 ھەپتىسى ئىچىدە ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە 12 ئاپتوموبىل، 24 تانكا، 8 دانە ئايروپىلان سوقار قۇرال بازىسى، 2 دانە يېنىك بىرونوۋىك ئاپتومومبىل، 3 دانە ئەسكەر توشىغۇچى بىرونوۋىك ئاپتوموبل، 4 دانە كاتاشا، 2 دانە ئۇچقۇچسىىز ھاۋا ئاپپىراتى، 2 يەر قېزىش ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلاندى. يۈزلىگەن ئەسەد ئەسكىرى ئـۆلتۈرۈلدى. 

بۇ جەرياندا يەنە، ئۆكتىچىلەر 5 تانكا، 3 ئايروپىلان سوقار قورال بازىسى، كاتوشا، يەر قىدىرىش ماشىنىسى ۋە 106 مىللىمېتىرلىق توپنى قولغا چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر