ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1381 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلگەن 121 ئادەمنى قوشقاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 1381 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1359346
ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1381 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى، بىرى خوڭكوڭدا بولۇپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 1381گە، رەسمىي دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 63851 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

كۆزىتىلىۋاتقانلار سانىنىڭ 177974،  بالىنىستتىن چىققان بىمار سانىنىڭ 6723 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، خوڭكوڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 53 كە، ئاۋمىندا 10 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 2019 – يىلى 12 – دېكابىردا بايقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر