ئىسرائىلىيە ھاماسقا تەۋە بىر جاينى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى، ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ غەززەدىكى بىر ئورۇنىنى بومباردىمان قىلدى.

1356368
ئىسرائىلىيە ھاماسقا تەۋە بىر جاينى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىنىڭ ھاماسقا قاراشلىق ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسى باشقۇرۇشىدىكى بىر رايونى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى؛ ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

ھۇجۇم، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە تەرەپتىن ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا راكېتامىيوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر