«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 564 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 28 مىڭ 18 گە يەتتى.

1354266
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بىرى خوڭكوڭدا، 563 ى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بولۇپ، جەمئىي 564 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئەھۋالى ئېغىر 3 مىڭ 859 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 28 مىڭ 18 گە، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى بولسا 186 مىڭ 354 كە يەتكەن.

يېڭى تىپتىكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئالدى بىلەن 12 – دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر