ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنىڭ بەس – بەستە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا سەۋەپ بولدى

يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن پۈتۈن ئاسىيا قىتئەسى مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان كونسېرت ۋە كۈلتۈر – سەنئەت پائالىيەتلىرى بەس – بەستە ئەمەلدىن قالدۇرۇلماقتا.

1352951
ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنىڭ بەس – بەستە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا سەۋەپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولغان خىتاي چوڭ قۇرۇغلۇقىدىن باشقا يەنە، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىنغا ئوخشاش ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار شۇنداقلا جەنۇبىي كورىيە ۋە سىنگاپورغا ئوخشاش ئاسىيا دۆلەتلىرى نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئامېرىكانىڭ بوستون فېلىمونىك ئوركىستېرا ئۆمىكى ئاسىيا زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خوڭكوڭ فېلىمونىك ئوركىستېرا ئۆمىكىمۇ 5 كونسېرتىنىڭ ۋاقىتىنى ئارقىغا تارتتى.

خوڭكوڭنىڭ ئاتاقلىق پوپ مۇزىكا چولپانلىرىدىن ئاندىي لائۇ، لېئون لاي ۋە مىرىئام يېئۇڭ بۇ ئاي خوڭكوڭ، ئاۋمىن ۋە سىنگاپوردا بەرمەچى بولغان كوسېرتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

تەيۋەنلىك پوپ مۇزىكا سەنئەتچىسى جولىن تىسايمۇ خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

جەنۇبىي كورېيەدىمۇ ئاتاقلىق مۇزىكا تۈرى ھېسابلىنىدىغان «ك پوپ» گۇرۇپپىسى سىنگاپور، ئاۋمىن ۋە تايلاندتا ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 

يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى، ئاسىيا قەتئەسىنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق سەنئەت پائىلەتلىرى قاتارىدا ھېسابلىنىدىغان «Art Basel» خوڭكوڭ زامانىۋىي سەنئەت كۆرگەزمىسىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشغا سەپەب بولۇپ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

كۆرگەزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگەزمە مەيدانى خوجايىنلىرى ۋە ئەسەر توپلىغۇچىلارغا يېزىلىغان مەكتۇپلاردا، مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈش پىلانغان كۆزگەزمە پائالىيەتلىرىنىڭ سالامەتلىك مۇھىتىغا بولغان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر