ب د ت  مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە ئىشلىرى باشقارمىسى لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىكى مىتىگا ئايرودۇرۇمى ۋە ئەتراپىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1348181
ب د ت  مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  لىۋىيە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ترابلۇستىكى مىتىگا ئايرودۇرۇمى ۋە ئەترپغا قىلىنغان، ئىككى پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ ھۇجۇم خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر. پۇقرالار ئىشلىتىدىغان بىردىنبىر ئايرودۇرۇم بولغان مىتىگا ئايرودۇرۇمىنىڭ پات - پات ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئىككى مىليون نوپۇسقا ئىگە ترابلۇس خەلقىنى ساياھەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.»

خەلقئارا  جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىۋاتقان لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كۈچلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇرقان ئەلغەزەب ھەربىي ھەرىكىتى، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى  قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ تۈنۈگۈن پايتەخت ترابلۇستىكى مىتىگا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ماراكەشلىك بىر پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 5 لىۋىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا قونماقچى بولغان لىۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قونۇش مەنزىلگاھىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر