خىتايدىن تارقىلىشقا باشلىغان قورقۇنچلۇق ۋىرۇس كاناداغىمۇ يېتىپ باردى

خىتايدا ئوتتۇرىغا چىقىپ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەن يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى كانادادىمۇ بايقالدى.

1347437
خىتايدىن تارقىلىشقا باشلىغان قورقۇنچلۇق ۋىرۇس كاناداغىمۇ يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ ئونتارىيو ئۆلكىلىك سەھىيە ئىدارىسى بۆلۈم باشلىقى دوكتور داۋىد ۋىليامس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، كانادادا تۇنجى قېتىم كوروناۋىرۇسىنىڭ تورونتودا بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

دوكتور داۋىد ۋىليامس خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 22 - يانۋاردا تورونتوغا قايتقان 50 ياشلىق ئەردە كوروناۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، بېمارنىڭ نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغانلىقىنى شۇڭا خەلق سالامەتلىكىگە يەتكۈزىدىغان خەۋپىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تورونتو خەلق سالامەتلىكىنى قوغداش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى مۇدىرى دوكتور باربارا ياففېمۇ تورونتو ساننىيبىروك سەھىيە بىلىملىرى مەركىزىدە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بېمارنىڭ ئۇچراشقان ئادەملىرىنىڭ پەقەتلا ئائىلىسى بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭمۇ خەلقتىن ئايرىم تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كوروناۋىرۇسى قىسقىغىنە مۇددەتتە خىتايدىن ھالقىپ، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تايۋەن، تايلاند، ۋېيېتنام، ئاۋستىرالىيە ۋە مالايشىيەگىچە يېتىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر