ھافتەر كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ھافتەرگە قاراشلىق ئۇنسۇرلار، بېرلىن يىغىنىدىكى چاقىرىقلارغا قارىماي پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپلىگەن جايلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا.

1346565
ھافتەر كۈچلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق ئۇنسۇرلار، بېرلىن يىغىنىدىكى چاقىرىقلارغا قارىماي پايتەخت ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپلىگەن جايلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا.

بېرلىن يىغىنىدا لىۋىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ترابلۇستا تۈنۈگۈن پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

ھافتەر كۈچلىرى پايتەختنىڭ جەنۇبىدىكى  ھاللاتات فىرونتىغا تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپلا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى، بىراق خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى جىددىيچىلىكنى تىزگىنلەشكە مۇۋەپپەق بولدى.

ھافتەر كۈچلىرى يەنە ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى رەملە رايونىدىكى ئايرودۇرۇمى كۆۋرۈكىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى كۈچلىرى ئۇنىڭغا يول قويمىدى.

لىۋىيەدىكى تەرەپلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت 19 – يانۋار (2020) يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەسنادىمۇ ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەر، ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ھاللاتات رايونىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر