يۇقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە سارس (SARS) كېسەللىكىگە %80 ئوخشايدىغان يېڭى تىپلىق ۋىرۇس (nCoV) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى توققۇزغا چىقتى.

1345469
يۇقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن شەھىرىدە 2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا بايقالغان ۋىرۇس ھازىرغىچە 440 كىشىدە بايقالدى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان 2197 كىشىدىن 1394 ى كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا جايلارغا ۋە شەھەرلەرگە بارغان كىشىلەردىن تارقالغان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملۇق ئەمەسلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2019-يىلى دېكابىر ئېيىدىن بۈگۈنگىچە بېيجىڭ، شاڭخەي شەھەرلىرى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى قاتارلىق ئوخشىمىغان جايلاردا بايقالغان، ئەمما ۋاكسىنا ياكى دورىسى تېپىلمىغان ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىشى سەۋەبىدىن خەلق ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ كەتمەكتە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر