ھافتەر كۈچلىرى مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەردى

خەلىفە ھافتەر قارمىقىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ ترابلۇسنىڭ دۇنياغا ئوچۇق دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1345507
ھافتەر كۈچلىرى مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەر قارمىقىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ ترابلۇسنىڭ دۇنياغا ئوچۇق دەرۋازىسى ھېسابلىنىدىغان مىتىگا ئايرودۇرۇمىغا گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مۇھەممەد قۇنۇنۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھافتەر كۈچلىرىنىڭ مىتىگاغا 6 دانە گراد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئارقا – ئارقىدىن خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان قۇنۇنۇ، ھۇجۇمنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغا روشەن خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر