فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە بېرلىن يىغىنىدا چىقىرىلغان لىۋىيە قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى درىئان بىلەن ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سابرى بۇقادۇم، بېرلىن يىغىنىدا چىقىرىلغان لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

1345284
فىرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە بېرلىن يىغىنىدا چىقىرىلغان لىۋىيە قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سابرى بۇقادۇم ئالجىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولغان فىرانسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنىدا درىئان سۆز قىلىپ، «ھەر ئىككى دۆلەت، لىۋىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، تەرەپلەر ئارىسىدا سىياسىي سۆھبەتلەرنىڭ قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ» دېدى.

بۇقادۇم بولسا، ئالجىرىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كېڭىشىش يولى بىلەن يېڭىچە ئىلگىرىلەشكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا درىئان بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە فىرانسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن، بېرلىن يىغىنىدا چىقىرىلغان لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر