لوندوندا سىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەلسىسى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ تەكلىپىگە بىائەن ئەنگلىيە – ئافرىقا سېلىنما يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لوندونغا يېتىپ باردى. لوندوندا سىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1344330
لوندوندا سىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يىغىن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «Intercontinental Hotel O2» (مېھمانسارىيى) نىڭ ئالدىدا، مىسىر ئىنىقلاب كېڭىشىنىڭ چاقىرىقى بىلەن يىغىلغان نامايىشچىلار ھەم سىسىگە، ھەم جونسونغا قارشى لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىش جەريانىدا مىسىر ئىنىقلاب كېڭىشىنىڭ باشلىقى دوكتور ماھا ئازام ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «بارلىق ئەركىن مىسىرلىقلار سىسىنىڭ بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇشىغا قارشى توپلاندى. گېنېرال سىسى بىر قاتىلدۇر. بىگۇناھ مىسىر خەلقىنىڭ قاتىلىدۇر» دېدى. 

دوكتور ماھا ئازام سىسىنىڭ قىيىن - قىستاق جىنايىتى بىلەن نازارەتكە ئېلىنىشى ئۈچۈن ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

ماھا ئازام تۈرمىدە مىسىرنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى دۇچار بولغان قىيىن - قىستاقلارنى مەركىزى پايتەخت لوندوندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ئەدلىيە ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قېيىن قىستاقلار سىسىنىڭ مەلۇماتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. خەلقئارا قانۇنغا بىنائەن سىسى ئەنگلىيەدىلا نازارەتكە ئېلىنىشى لازىم» دېدى.

مىسىرنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى 2013يىلى سىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. 


خەتكۈچ: #لوندون , #سىسى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر