بېرلىندە چاقىرىلغان لىۋىيە كونفېرانسىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندە لىۋىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي مۇساپىنى باشلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيە كونفېرانسىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى.

1343634
بېرلىندە چاقىرىلغان لىۋىيە كونفېرانسىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندە چاقىرىلغان لىۋىيە كونفېرانسىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى.

خىتابنامىدە، لىۋىيە ئاۋام پالاتاسى تەستىقلىغان، بىرلەشمە، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ھۆكۈمەتنى قۇرۇشنىڭ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمىنىڭ، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا مۇھىم ھەرىكەت پىلانى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«مەركىزىي ۋە خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا بىرلەشكەن دۆلەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز» دېيىلگەن خىتابنامىدە، بۇ دائىرىدە ساقچى ۋە ھەربىي كۈچلەرنىڭ بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا بىرلىشىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

خىتابنامىدە، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىجرا قىلىشنى كونترول قىلىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان كومىتېتلارنى قۇرۇش ئۈچۈن ب د ت غا چاقىرىق قىلىندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ب د ت دىن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان رول ئوينىشى تەلەپ قىلىندى.

خىتابنامىدە مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن تارتىپ، تەرەپلەرنى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىمىز.»

لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەر، مەسىلىلەرنى ئەركىن، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە ئادالەت تەسىس قىلىنغان سايلاملار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشتۇرۇشقا چاقىرىلغان خىتابنامىدە، «لىۋىيەلىكلەر تەرىپىدىن باشلانغان ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسىي مۇساپە» گە قايتىش تەلىپىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خىتابنامىدە يەنە: «ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، بېرلىن يىغىنىدىن كېيىنمۇ كوردىناتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرىمىز» دېيىلدى.

بېرلىن كونفېرانسىغا قاتناشقان بارلىق تەرەپلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قاتناشقان كومىتېتىنىڭ، ب د ت باشچىلىقىدا كوردىناتسىيەنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم توپلىنىدىغان كومىتېتنىڭ، مۇتەخەسسىسلەر سەۋىيەسىدە تۆت دانە تېخنىكىلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئكز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر