ئىراندا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئىراننىڭ پايتەخت تېھراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
1342751
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت لىدېرى ئەلى خامەنېي ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تېھراندا جامائەتكە ئىمام بولۇپ جۈمە نامىزى ئۆتىدى؛ نامازدىن چىققان جامائەت نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئامېرىكا بايرىقىنى كۆيدۈردى.
ئىران ھاكىمىيىتى تەرەپدارلىرى گۈلىستان، ئاھۋاز، مەشھەد، قۇم، يەزد، سىمنان، كىرمان ۋە باشقا بىر قىسىم شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قاسىم سۇلەيمانىنى ۋە تۈزۈمنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشلار ئەسناسىدا ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ھاكىمىيەتكە قارشى پائالىيەتلەرگىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇ نامايىشقا قاتناشقۇچىلار «پىتنىخورلۇق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.