ئالبانىيە ئىرانلىق ئىككى دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلدى

ئالبانىيە ھۆكۈمىتى، ئىراننىڭ تىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىككى دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلدى.

1341982
ئالبانىيە ئىرانلىق ئىككى دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيەنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى گەنت ساكاج بايانات بېرىپ، مۇھەممەد ئەلى ئەرز پەئىمانەماتى ۋە سەييىد ئەھمەد ھوسەينى ئالاست ئىسىملىك ئىرانلىق ئىككى دىپلوماتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار ۋىيېننا ئەھدىنامىسى پىرىنسىپلىرىغا زىت ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى ۋەكىلىنىڭ ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى زېمىنلىرىدىن بالدۇرراق يىراقلىشىشلىرى تەلەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئالبانىيە دائىرىلىرى 2018 – يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدىمۇ ئىراننىڭ تىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىككى دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر