لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتى

لىۋىيەدە قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرى پايتەخت ترابلۇسقا ھۇجۇم قىلدى.

1341256
لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى باياناتچىسى مۇھەممەد قۇنۇنىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەفتەرگە قاراشلىق خەلق ئەسكەرلىرى رەمل ۋە سالاھىدىن رايونلىرىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە راكېتامىيوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان. ئاندىن ھەفتەرگە قاراشلىق ياللانما ئەسكەرلەر رايونغا ئورۇنلاشقان ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىىمۇ ترابلۇسنىڭ ئۈستىدە ئۇچقان.

قۇنۇنى، لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ھەفتەرنىڭ ئەسكەرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىن كۆچۈپ كەتكەن خەلقنى توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئۆيلىرىگە قايتماسلىققا چاقىردى.

تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئالدىنقى كۈنى موسكۋادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمزالانغانىدى. ھەفتەر بولسا كېلىشىمنى ئىمزالىماستىنلا تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە موسكۋادىن ئايرىلغانىدى.

ھەفتەر تەرەپدارى توبرۇق ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئاقىلە سالىھ يېرىم كېچىدە «ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى» ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر