ھافتەر تۈنۈگۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، لىۋىيەنىڭ شەرقىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خەلىفە ھافتەرنىڭ تۈنۈگۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويماستىن پايتەخت موسكۋادىن كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1340467
ھافتەر تۈنۈگۈن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان گېنېرال خەلىفە ھافتەرنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويماستىن موسكۋادىن كېتىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن موسكۋادا دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، لىۋىيەدە قەرەلسىز ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش توغرىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىنغان؛ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراج تەرەپىنىڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقى، ھافتەر تەرەپنىڭ بولسا، كېلىشىم تېكىستىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن (بۈگۈن سەھەرگىچە) مۆھلەت تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر