ئىران ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى خاتالىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تېھران، ئىراندا چۈشۈپ كېتىپ 176 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئۇكرائىنا ئايروپىلانىنى ئىنسانىي خاتالىق تۈپەيلى سەۋەنلىك بىلەن چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

1338790
ئىران ئۇكرائىنا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى خاتالىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى، ئايروپىلاننىڭ «بىر سەزگۈر ھەربىي رايون» نىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا «ئىنسانىي خاتالىق» يۈزىسىدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئامېرىكا بازىلىرىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىران ئەتراپىدا ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، بۇ جەرياندا كۆپلىگەن نىشانلارنىڭ رادارلاردا كۆرۈنۈشكە باشلىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭمۇ ناھايىتى سەزگۈر ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «قاتناش نومۇرى 752 – بولغان ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانى بۇ سەزگۈر ۋە كىرىزىس شارائىتىدا ئىمام خۇمەينى ئايرورۇدۇمىدىن قوزغالدى. ئايروپىلان ئايلىنىش جەريانىدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر بىر ھەربىي مەركىزىگە يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ۋە تۇرۇش شەكلى دۈشمەنلەرچە ھۇجۇمغا ئۆتىدىغاندەكلا ھالەتتە ئىدى. ئايروپىلان مۇشۇنداق شارائىتتا ئىنسانىي خاتالىق بىلەن قەستەنلىكتىن خالىي ھالدا نىشانغا ئېلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «بۇ خىل ئىنسانىي خاتالىقلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. جاۋابكارلار قانۇننىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر