ئىران ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» تەكلىپىنى رەت قىلدى.

1338864
ئىران ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مەجىت تەختراۋانچى، س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دۆلىتى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تەختراۋانچى، س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئىران ھازىرقى باسقۇچتا توختىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇردۇق. ئامېرىكا يېڭى بىر قەدەم تاشلىسا، ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى پىلانلاپ ئىجرا قىلغان ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تەختراۋانچى، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپى توغرىسىدىكى سوئالغا بولسا، «ئۇنداقتا، نېمىشقا ئىقتىسادىي ئېمبارگولار ئارقىلىق بوينىمىزغا پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قەتئىي رەت قىلىمىز. ئىران خەلقىگە بۇنداق دۈشمەنلەرچە سىياسەت داۋاملىشىدىغانلا بولسا، دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كېللي كرافت بولسا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللىغان مەكتۇپىدا، ئىرانغا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خەلقئارانىڭ تىچنلىق ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە خەۋپكە ئىتتىرىلىشىنىڭ ۋە ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىران بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز ئەستايىدىل سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەييار» دەپ تەكلىپ سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر