خەلقئارالىق قىسىم دېرىزوردا تېررورىستلارنى بومباردىمان قىلدى

خەلقئارالىق قىسىم بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1338571
خەلقئارالىق قىسىم دېرىزوردا تېررورىستلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم تۈنۈگۈن (9-يانۋار) سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دېيرىزور ۋىلايىتىدە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ بەزى نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم دېيرىزور ۋىلايىتىنىڭ ئەلبۇكەمال ناھىيەسىدە يېشىل رايون سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان يەردە ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ تۆت تانكىسىنى بىتچىت قىلدى، بەزى تەشكىلات ئەزالىرى بىر تەرەپ قىلىندى. بىرلەشمە قىسىم ئايروپىلانلىرى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنى ھاۋادىن كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇچۇشلىرىنى كۆپەيتتى.

سۈرىيەدە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، 3-يانۋار (2019،جۈمە) ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ گېنېرالى قاسىم سۇلايمانىنى باغدادتا ئۆلتۈرۈشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئىدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمىغا ئايلانغان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك تېررورىست گۇرۇپپىلار، ئىراق چېگراسىدىكى دېيرىزوردا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇ يەردە ھەرىكەت قىلماقتا.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار سۈننى ئەرەبلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايوندا شىئە ئېتىقادىنى تارقىتىشقا تىرىشماقتا.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە قالغان دېيرىزورنىڭ باشقا زېمىنلىرى ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر