ياپونىيە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ياپونىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا – ئىران ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەرگە قارىتا ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۆتىدىللىققا چاقىرىق قىلدى.

1336805
ياپونىيە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە مىنىستىرلار كابېنتى باش كاتىپى سۇگا يوشىھىدە بارلىق تەرەپلەرنىڭ سۈركىلىشنى ئۇلغايتىدىغان قەدەملەردىن قېچىشى ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

سۇگا يوشىھىدە: «ئوتتۇرا شەقتە يۈز بەرگەن جىدىيجىلىكلەردىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. رايوندا سۈركىلىشلەرنىڭ تېخىمۇ ئولغىيىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى لازىم. بارلىق تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.  

سۇگا يوشىھىدە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيتى ھەققىدە ئامېرىكا مەسئۇللىرىدىن ۋە باشقا ئوخشاش بولمىغان قاناللاردىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى تىلغا ئالدى، لېكىن مەلۇماتلارنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە سۆز قىلمىدى.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن يەنە بىر خەۋەرىدە، باش ۋەزىر شىنزە ئابېنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكلەر سەۋەبىدىن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە پىلانلانغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە ئوماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارىتىنىڭ مەقسىتى، ھۇرمۇز بوغۇزى دائىرىسىدىكى سودا ترانسپۇرت ئىشلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەنى مۇزاكىرلىشىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر