ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراھ ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئىككى ئۇچقۇچى قازا قىلدى.
1337139
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، « Mİ-35» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان فاراھ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان قازانىڭ سەۋەبى تىخنىلق كاشىلا بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.