سۇلايمانىنىڭ جىنازە مۇراسىمىدىكى قىستاڭچىلىقتا 32 كىشى ئۆلۈپ، 190 كىشى يارىدار بولدى

ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ قىرمان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنازە مۇراسىمىدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ 32 كىشى ئۆلدى ۋە 190 كىشى يارىدار بولدى.

1336338
سۇلايمانىنىڭ جىنازە مۇراسىمىدىكى قىستاڭچىلىقتا 32 كىشى ئۆلۈپ، 190 كىشى يارىدار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران جىددىي ياردەم ئىدارىسى باشلىقى پىر ھۇسەيىن قۇلىۋەند دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، دەسلەپكى ئېنىقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىلگىرى 35 دەپ ئېلان قىلىنغان ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 32 دەپ تۈزىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇسەيىن قۇلىۋەند ئەسلىدىكى يارىدارلار سانىنىڭ 45 تىن 190 كىشىگە چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن سۇلايمانىنىڭ جىنازە مۇراسىمى توختىلىپ، دەپىن ئىشلىرى تېخىمۇ مۇناسىپ كۈنلەرنىڭ بىرسىگە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

سۇلايمانىنىڭ جىنازىسى پايتەخت تېھراندا تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن يۈرتى قىرمانغا يوللانغان ئىدى.

قىرماندا جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا شەھەر مەركىزى ۋە ئەتراپتىكى جايلاردىن نۇغۇن كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئىران ئىنىقلاپ مۇھازەتچىلىرى قىسمىنىڭ باش قوماندانى ھۇسەيىن سەلامى مۇراسىمدىكى نۇتۇقىدا ئىنتىقام ئېلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پانتاگون) ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمىغا قاراشلىق قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ، 3يانۋاردا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر