ئىراننىڭ ب د ت ۋەكىلى: سۇلەيمانىنىڭ ئىنتىقامى ئېغىر شەكىلدە ئېلىنىدۇ

ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مەجىت تەخت راۋانچى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئىنتىقامىنىڭ ئېغىر شەكىلدە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1334581
ئىراننىڭ ب د ت ۋەكىلى: سۇلەيمانىنىڭ ئىنتىقامى ئېغىر شەكىلدە ئېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راۋانچى، ئامېرىكىنىڭ NBC قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، سۇلەيمانىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باغدادقا بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان بىر ھۇجۇمدۇر، قوراللىق قىسىملىرىمىزنىڭ قىممەتلىك بىر گېنېرالىغا نېمە بولغانلىقىغا قاراپ تۇرمايمىز. قەيەردە، قاچان، قانداق بىلمىسەممۇ، ئىنتىقامىمىز ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. جەزمەن ئىنتىقام ئېلىنىدۇ» دېدى.

راۋانچى شۇ كۈنى س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش باشلىدىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا ئىرانغا قارشى پەقەت ئىقتىسادىي ئۇرۇشلا ئەمەس، بۇنىڭدىن ھالقىپ دۆلىتى ۋە رايوندا ياخشى كۆرۈلىدىغان، ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بىر گېنېرالىغا سۇيىقەست قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئاللىقاچان باشلاتتى. بۇ ۋەقەگە كۆزىمىزنى يۇممايمىز. ئىران ئۆز تاللىشىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر