سېنېگال پىرېزىدېنتى يۈزلەرچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى سېنېگالدا يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن 709 مەھبۇس كەچۈرۈم قىلىندى.

1332862
سېنېگال پىرېزىدېنتى يۈزلەرچە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېنېگال ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت ماكي سال يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن 709 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغان؛ قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، 631 مەھبۇس تولۇق كەچۈرۈم قىلىنغان، قالغانلىرىنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلغان.

كەچۈرۈمنامە ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدە ياشلار، ياشانغانلار ۋە ئېغىر كېسەللەر بار ئىكەن.

سېنېگال ئەنئەنلىرىگە ئاساسەن، پىرېزىدېنت يېڭى يىل، مۇستەقىللىق كۈنى، روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدا كەچۈرۈم قىلىش سالاھىيىتىنى ئىشقا سالالايدۇ.

پىرېزىدېنت سال، 2019 – يىلى 4 – ئاپرېلدا مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 1066 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر