خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

ياپونىيە، خىتايغا تەۋە 4 چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1331779
خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان كۇباشىما ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە بۈگۈن ئەتىگەن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 11:00 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قىسىملىرى خىتاي پاراخوتلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، دەرھال رايوندىن چىقىپ كېتىشىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇردى.

سېنكاكۇ ئاراللىرى ياپونىيەنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، خىتاي بىلەن تەيۋەن پات - پات ئىگىلىك ھوقۇقى داۋاسى قىلماقتا ۋە كۆپ ھاللاردا چېگرا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بېسىپ كىرىدىغان ئىشلارمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرماقتا.

ياپونىيە بۈگۈن خىتاي چارلىغۇچى پاراخوتلىرى تەرىپىدىن سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چېگرا تەۋلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن 32قېتىملىق تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر