48 سائەت ئىچىدە ئىدلىبتىن 20 مىڭ كىشى كۆچكەن

رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ، تۈركىيە چېگراسىغا كۆچكەن ئىدلىبلىقلار سانىنىڭ 284 مىڭغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1332056
48 سائەت ئىچىدە ئىدلىبتىن 20 مىڭ كىشى كۆچكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە، رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە چېگراسىغا يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە 20 مىڭ پۇقرا كۆچتى. بۇنىڭ بىلەن، 2019-يىلى نويابىر ئېيىدىن ھازىرغىچە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 284 مىڭغا يەتكەن بولدى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، رۇسىيە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ شىددەتلىك بومباردىمانلىرى ئازايغان بولسىمۇ، ھۇجۇملارنىڭ يەنە داۋاملىشىشىدىن قورققان ئىدلىب ئاھالىلىرىنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلارغا قېچىشى داۋام قىلماقتا.

يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان پۇقرالارنىڭ سانىنى توپلاۋاتقان سۈرىيە قارشىلىق كۆرسىتىش كوردىناتورلۇقىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ھاللاج، يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە تەخمىنەن 20 مىڭ پۇقرانىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆتكەن ئاي (2019-يىلى نويابىر) نىڭ بېشىدىن تارتىپ، بولۇپمۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلارغا قاچقانلار سانىنىڭ 284 مىڭغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇملار قايتىدىن شىددەتلەنگەن ئەھۋالدا، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى جەبەل ئەززەۋىيە رايونىدىمۇ كۆچۈشلەرنىڭ باشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر